您好,欢迎来到中国企业库   [请登陆]  [免费注册]
小程序  
APP  
微信公众号  
手机版  
 [ 免责声明 ]     [ 举报 ]
企业库免费B2B网站
搜产品 搜企业
客服电话:400-000-8722

(پېتېر پىرىنسىپىھەققىدە ئومۇمىي بايان(باشقۇرۇششۇناسلىق

پېتېر پىرىنسىپىھەققىدە ئومۇمىي بايان

نوسگۇس پاركىنسىن (C.N.Parkinson)بىرداڭلىق ئىجتىمائىي نەزىرىيەچى، ئۇ ئىلگىرى دەرىجە تۈزۈمىدىكى

ئورگانلاردىكى ئارتۇقچە شىتات يىغىلىپ قالىدىغانھادىسىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزىتىپ قىزىقارلىق ھالدا بايان قىلغان. ئۇ ئورگاندىكىيۇقىرى دەرىجىلىك باشلىق بۆلۈش ۋە بويسۇندۇرۇش تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، قەستەنئورگاننىڭ ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىپ، ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنى يۇقىرى كۆتىرىدۇ دەپ پەرەزقىلدى، بۇ ھادىسە دەل پاركىنسىن ئېيتقان «يۇقىرىغا ئۆرلەش پىرامىداسى»دۇر.پېتېرنىڭ قارىشىچە،بۇ خىل نەزىرىيەلىك لايىھەنىڭ يېتەرسىزلىكى بولۇپ، ئۇ خادىملارنىڭ يىغىلىپقېلىشىنىڭ سەۋەبى دەرىجە تۈزۈمىدىكى ئورگاننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشلىقىنىڭسەمىمىيلىك بىلەن ئۈنۈمنى يۇقىرى كۆتۈرمەكچى بولغانلىقى دەپ چۈشەندۈرىدۇ (گەرچەبىھۇدە ئاۋارە بولسىمۇ). پېتېر پىرىنسىپىكۆرسەتكەندەك، نۇرغۇن ياكى كۆپ قىسىم مەسئۇل خادىملار ئاللىبۇرۇن ئۇلار ھۆددىسىدىنچىقىپ بولالمايدىغان خىزمەت ئورنىغا چىقىپ قالغان. بۇ كىشىلەر ھازىرقى ئەھۋالنىياخشىلاشقا ئامالسىز، چۈنكى بارلىق خادىملار ئاللىبۇرۇن پۈتۈن كۈچىنى ئىشقاسالغان، شۇنىڭ بىلەن، ئۈنۈمنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلار تېخىمۇ كۆپخىزمەتچىلەرنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. خىزمەتچىلەرنىڭ كۆپىيىشىبەلكىم ئۈنۈمنى ۋاقىتلىق ياخشىلىشى مۇمكىن، لېكىن بۇ يېڭى قوشۇلغان خادىملار ئەڭئاخىرىدا ئۆسۈش جەريانىنى باشتىن كەچۈرۈپ ئۆزى ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغان خىزمەت ئورنىغاچىقىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىردىنبىر ئەھۋالنى ياخشىلايدىغان ئۇسۇل يەنە بىر قېتىمخىزمەتچى خادىملارنىڭ سانىنى كۆپەيتىش بولۇپ قالىدۇ، شۇ ئارقىلىق يەنە بىر قېتىمۋاقىتلىق يۇقىرى ئۈنۈمگە ئېرىشىدۇ، كەينىدىن يەنە بىر قېتىم ئۈنۈمسىزلىككەيۈزلىنىدۇ. بۇنداق بولۇپ ئورگاندىكى ئادەمنىڭ سانى خىزمەتنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىدىنئېشىپ كېتىدۇ.

پېتېر پىرىنسىپىتۇنجى قېتىم 1960-يىلى 9-ئايدا ئامېرىكا فېدىراتسىيەسى مەبلەغ ئاجراتقان بىرقېتىملىق تەتقىقات يىغىنىدا ئاشكارا ئېلان قىلىنغان، ئاڭلىغۇچىلار بىر توپ مائارىپتەتقىقات پىلانىنىڭ مەسئۇللىرى ھەمدە ئەمدىلا ئۆستۈرۈلگەن تۈر مەسئۇللىرى ئىدى، پېتېر ئۇلارنىڭكۆپىنچىسى «پەقەتلا جان-جەھلى بىلەن بەزى كونىراپ كەتكەن سىتاتىستىكىلىقكۆنۈكمىلەرنى كۆپەيتمەكچى» دەپ قارىغان، شۇڭا ئۇ پېتېر پىرىنسىپىنىئېلىپ كىرىپ ئۇلارنىڭ قىيىن ئەھۋالىنى چۈشەندۈردى. نۇتۇق دۈشمەنلىك ۋە مەسخىرىنىكەلتۈرۈپ چىقاردى، لېكىن پېتېر يەنىلائۆزىگە خاس كىنايە قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق پېتېر پىرىنسىپىنىيېزىپ چىقىشنى قارار قىلدى، گەرچە بارلىق مىسال تەتقىقاتلىرى ئىنچىكە تۈزۈپچىقىلغان ۋە ئىشلەتكەن ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولسىمۇ، ئەڭئاخىرىدا 1965-يىلى باھاردا ئاخىرقى ئورگىنال تاماملانغاندا، جەمئىي 16 دىن ئارتۇقنەشرىيات بۇ كىتابنىڭ قول يازمىسىنى رەت قىلدى. 1966-يىلى، ئاپتور تارقاق ھالداگېزىتتە نەچچە پارچە ئوخشاش بىر تېمىنى شەرھىيلەيدىغان ماقالىنى ئېلان قىلدى،ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىنكاسى ئالاھىدە قىزغىن بولۇپ، ھەرقايسى نەشرىياتلارنىڭ تالىشىپتۇرۇپ بېسىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. خۇددى پېتېر تەرجىمىھالىدائېيتقاندەك، ئادەم بەزىدە ئەينەكتە ئۆزىنىڭ شولىسىنى كۆرىدۇ-يۇ، ئۆزىنى دەماللىققاتونۇيالماي قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى بىلىشتىن ئىلگىرى مازاققىلىپ تازا كۈلىدۇ، بۇنداق مىنۇتلاردا ئادەم ئۆزىنى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەنھالدا تونۇۋالىدۇ، «پېتېر پىرىنسىپى»دەل شۇنداق بىر ئەينەكنىڭ رولىنى ئوينايدۇ.

چىشىغاتېگىش تۈسىنى ئالغان يۇمۇر

1960-يىل9-ئايدا، بىر قېتىملىق ئامېرىكا فېدراتسىيەسى مەبلەغ چىقىرىپ ئۇيۇشتۇرغان تەتقىقاتۋە تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا، پېتېر دوكتۇرتۇنجى قېتىم ئۆزىنىڭ بايقىشىنى ئاشكارا ئېلان قىلدى.

ئەينىۋاقىتتا پېتېر دوكتۇرنىڭئاڭلىغۇچىلىرى بىر توپ مائارىپ تەتقىقات پىلانىغا مەسئۇل بولىدىغان خادىملار ئىدى،ئۇلارنىڭ ھەممىسى تەكلىپ بېرىش خېتىنى ئاللىبۇرۇن تولۇق تاماملىغاچقا، ھەممىسىئۆسۈپ بىر تۈرلۈك ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى تەتقىقات پىلانىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ قالغانئىدى.

بۇئادەملەرنىڭ ئارىسىدىكى بەزىلىرىنىڭ ھەقىقەتەن تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئىقتىدارى بارئىدى، لېكىن بۇنىڭ ئۇلار ئېرىشكەن مەسئۇللۇق ئورنى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق ئىدى،باشقا نۇرغۇن ئادەملەر بولسا تەتقىقات خىزمىتىگە ماس كەلمەيتتى، ئۇلار پەقەتلاجان-جەھلى بىلەن بەزى كونىراپ كەتكەن سىتاتىستىكىلىق كۆنۈكمىلەرنى كۆپەيتمەكتەئىدى.

شۇنىڭ بىلەنپېتېر دوكتۇرئۇلارغا پېتېر پىرىنسىپىنىتونۇشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ قىيىن ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈشنى قارار قىلدى. ئۇلارئاڭلىغاندىن كېيىن، دۈشمەنلىك نەزىرى بىلەن قاراش، مازاق قىلىش قاتارلىقلارنىڭھەممىسىنى قىلدى. بىر ياش سىتاتىستىكىچى كۈلۈپ تېلىقىپ قېلىپ ئورۇندۇقتىن يېقىلىپچۈشتى. ئۇ باشقىلارغا چۈشەندۈرۈپ، ئۆزىنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى پېتېر دوكتۇرنىڭچىشىغا تېگىش تۈسىنى ئالغان يۇمۇرىستىك نوتۇقى كەلتۈرۈپ چىقارغانلقىنى ئېيتتى. دەلشۇ ۋاقىتتا، ئۇ رايون تەتقىقات مەسئۇلى، يەنى ئۆزىنىڭ بىۋاسىتە رەھبىرىنىڭ بىردەمقىزىرىپ، بىردەم كۆكۈرىۋاتقانلىقىنى كۆرمەي قالدى. ئەينى ۋاقىتتتىكى داڭلىق مۇخبىرخىۋىر پېتېر پىرىنسىپىغاناھايىتى قىزىقىپ قالدى، ئۇ پېتېر دوكتۇرنىڭئۆزىنىڭ دانىشمەنلەرچە پىكىرىنى«پېتېر پىرىنسىپى»ناملىق بۇ كىتاب قىلىپ يېزىپ چىقىشىغا تۈرتكە بولدى. لېكىن «پېتېر پىرىنسىپى»دېگەن بۇ كىتابنىڭ نەشىر قىلىنىشى نۇرغۇن ئەگرى-توقايلىقلارنى باشتىن كەچۈردى، بۇجەرياندا پېتېر دوكتۇرجەمئىي 14 پارچە خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغان مۇھەررىرنىڭ ماقالە قايتۇرۇشخېتىنى تاپشۇرۇۋالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايلىنىپ ئۆتۈش ئۇسۇلى، يەنى ئۇ ئۆزىنىڭكىتابىدا «پېتېر ئايلىنىپئۆتۈش ئۇسۇلى» دەپ ئاتىغان ئۇسۇلنى قوللىنىپ نەشىردىن چىقىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىقارار قىلدى. ئۇ خىۋىر ئەپەندىم بىلەن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ گېزىت-ژۇرناللارداماقالە ئېلان قىلىپ پېتېر پىرىنسىپىنىتونۇشتۇردى، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىنكاسى ناھايىتى قىزغىن بولدى، نەچچە ئايدىلا، پېتېر دوكتۇرئوقۇرمەنلەردىن 400 پارچىدىن ئارتۇق خەت تاپشۇرۇۋالدى، ئۇنى نوتۇق سۆزلەشكە تەكلىپقىلىدىغانلار ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئورگىنال كېلىشىمى تۈزىدىغانلارمۇ توپ-توپ بولۇپكېلىشكە باشلىدى.

ماقالىلەرزىلزىلە قوزغىغاندىن كېيىن، ئاخىرى نەشرىيات خوجايىنى پېتېر دوكتۇرنىئىزدەپ كېلىپ نەشىر قىلىش ئىشىنى سۆزلەشتى. بۇ كىتاب 1969-يىل 2-ئايدانەشىردىن چىققاندىن كېيىن، تەدرىجىي ھالدا غەيرى رومان تىپىدىكى بازارلىق كىتابلارشەرەپ تاختىسىدا بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتتى ھەمدە ئۇزۇن مەزگىل شەرەپ تاختىسىدائالدىنقى ئورۇننى ئىگىلىدى، داۋاملاشقان ۋاقتى 20 ھەپتىگە يەتتى. ھازىرغا قەدەر، «پېتېر پىرىنسىپى»ئون نەچچە خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بازار تاپتى.تېخىمۇ ئەقىل يەتمەيدىغىنى، بۇ كىتاب نۇرغۇن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ زۆرۈر دەرسى بولۇپقالدى ھەمدە نۇرغۇن تەتقىقات ۋە مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا بەس مۇنازىرە قىلىنىدىغانتېمىغا ئايلاندى.

بۇنىڭدىنسىرت، بۇ كىتاب يەنە بىرنەچچە جىددىي تەتقىقات پىلانلىرىغا ئىمكانىيەت يارىتىپبەردى، پېتېر پىرىنسىپىنىڭئۈنۈمدارلىقى تەكشۈرۈلگەندە، نەتىجىدە ھەر تۈرلۈك تەتقىقاتلارنىڭ ھەممىسى پېتېر دوكتۇرنىڭكۆزىتىشىنىڭ خاتاسىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

پېتېر دوكتۇرنىڭ«پېتېر پىرىنسىپى»نىئىزاھلىشى، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئىجتىمائىي ۋە پىسخىكا ساھەلىرىدىكى كۆزىتىش ئىقتىدارىئەڭ يۇقىرى بولغان ئىجادىي پىكىر بولۇپ قالدى.

郑重声明:以上文章来源于网络,版权归原作者及其所在单位,其原创性以及文中陈述文字和内容未经(企业库www.qiyeku.com)证实,请读者仅作参考,并请自行核实相关内容。若本文有侵犯到您的版权, 请你提供相关证明及申请并与我们联系(qiyeku # qq.com)或【在线投诉】,我们审核后将会尽快处理。
会员咨询QQ群:902340051 入群验证:企业库会员咨询.

新的文章
 

uyghurMBA

微信号:uyghurMBA
功能介绍:بۇ سالوندا ئەڭ ئىسىل ،شىركەت باشقۇرۇشقا ،ئىگىلىك تىكلەشكە ئائىت مەزمۇنلار. 经济管理,人事管理,公司管理,项目管理,市场营销.致力于建立一个...

相关文章