您好,欢迎来到中国企业库   [请登陆]  [免费注册]
小程序  
APP  
微信公众号  
手机版  
 [ 免责声明 ]     [ 举报 ]
企业库免费B2B网站
搜产品 搜企业
客服电话:400-000-8722

مۇھىم ئىقتىسادىي خەۋەرلەر (8-يانۋار)



点击上方
“uyghurMBA”
可关注我们!



.يەر شارىنىڭ بىر كۈنلۈك پۇل-مۇئامىلە بازىرىغا نەزەر: ئامېرىكا پاي بازىرىدا ئۆرلەش كۆرۈلۈپ، دوۋ جونېس كۆرسەتكۈچى %1.2 ئاشتى، نېفىت باھاسى ئۆرلەش ۋە ئامېرىكا ئەمگەك بازىرى ھەققىدىكى ئۈمىدۋار سانلىق مەلۇماتنىڭ جانلاندۇرۇشىغا ئۇچرىدى. ياۋرو رايونىنىڭ CPI سىدا 2009-يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم تۆۋەنلەش كۆرۈلۈپ، بازارنىڭ ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ مىقدارلاشقان قويۇپ بېرىش تەدبىرىگە بولغان مۆلچەرىنى يۇقىرى كۆتۈردى، ياۋرونىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئالماشتۇرۇش نىسبىتى 9 يىلدىن بۇيان يېڭى تۆۋەن نۇقتىغا چۈشتى. (ۋول كوچىسى گېزىتى)
2.ۋېنسۇئېلا جۇڭگو بىلەن 20 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق ئىككى تەرەپلىك كېلىشىمۇ تۈزگەنلىكىنى جاكارلىدى. بېيجىڭدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ۋېنسۇئېلان پرېزىدېنت مادۇرو جۇڭگو بىلەن ئەڭ يېڭى ئىككى تەرەپلىك كېلىشىم پۈتۈشكەنلىكىنى جاكارلىغان بولۇپ، ۋېنسۇئېلا جىددىي ئېھتىياجلىق 20 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئاتا قىلىدىكەن. نېفىت باھاسى شىددەت بىلەن چۈشۈپ كەتكەنلىكتىن، ۋېنسۇئېلا ئىقتىسادى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى، يۇقىرى پۇل پاخاللىقى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل بولۇشى ۋېنسۇئېلانى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قوياي دېدى. تاللا بازارلىرىدىكى مال جاھازىلىرىنى ئامما قۇرۇقداپ قويدى، ھەتتا سوپۇن سېتىۋېلىشمۇ قىيىن مەسىلە بولۇپ قالدى. (ۋول كوچىسى ئۇچۇرلىرى)
3.ئامېرىكا پاي چېكى بازىرىنىڭ %1 ئېشىشى ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتى ۋە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ خاتىرىسىنىڭ جانلاندۇرۇشىغا ئۇچرىدى. ئامېرىكا پاي چەك بازىرى 7-يانۋار %1 ئاشتى، ئۇدا بەش كۈن چۈشكەندىن كېيىن ئۆرلىدى، فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ يىغىن خاتىرىسىدە ئۆسۈم قوشۇشقا ئالدىرىمايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلدى.
4.ياپونىيە 19-يانۋاردىن باشلاپ جۇڭگوغا قارىتا كۆپ قېتىم بېرىپ-كېلىش ۋىزا شەرتىنى بوشىتىدۇ. ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋازارىتىنىڭ 6-يانۋار بىلدۈرۈشىچە، يۇقىرى كىرىملىك، يۇقىرى ئوقۇش تارىخى بار ھەمدە ياپونىيەگە سودا پائالىيىتى ئۈچۈن كېلىدىغان جۇڭگولۇقلارنى ئوبيېكت قىلغان ھەمدە ئۈنۈملۈك ۋاقتى ئىچىدە ياپونىيەگە كۆپ قېتىم بېرىپ-كېلىپ قىلىدىغان ۋىزىغا ئېرىشەلەيدىكەن، 1-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن باشلاپ ۋىزا بېرىش شەرتىنى بوشىتىدىكەن. (ئاساخى خەۋەرلىرى)
5.ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ 12-ئايلىق FOMC يىغىنى خاتىرىسى: چەتئەل ئىقتىسادىدىن ئاگاھ بولۇش كېرەك، 4-ئايدىن بۇرۇن ئۆسۈم قوشۇشى ناتايىن. 1-ئاينىڭ 7-كۈنى ئېلان قىلىنغان ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ يىغىن خاتىرىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، 4 ئايدىن بۇرۇن ئۆسۈم قوشمايدىكەن؛ «سەۋرىچانلىق» سىياسەتنى تېخىمۇ جانلىق بولۇشقا يېتەكلەيدۇ؛ چەتئەل ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنىڭ يامانلىشىشى ئامېرىكا ئىقتىسادىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن؛ نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى ئامېرىكا ئىقتىسادى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشقا پايدىلىق؛ پۇل پاخاللىقىنىڭ يەنىلا تۆۋەن بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى، ئەمما پەقەت ئامېرىكا ئىقتىسادى داۋاملىق ياخشىلانسا، تۆۋەن پۇل پاخاللىقى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇشىنى توسۇپ قالالمايدۇ. (ۋول كوچىسى ئۇچۇرلىرى).
6.ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتى ئۆرلىسە ئاسىيا پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى قايتا يۈز بېرەمدۇ؟ زور مىقداردا تۆۋەن ئۆسۈملۈك ئامېرىكا دوللىرى قەرزى ئالغان ئاسىيا شىركەتلىرى ھازىر قوش تەھدىتكە دۇچ كەلدى: ئامېرىكا ئۆسۈم قوشۇشى مۇمكىنچىلىكى بولغان ئەھۋالدا، بىر تەرەپتىن ئامېرىكا دوللىرىدا قايتا كۈچلىنىش كۆرۈلدى، يەنە بىر تەرەپتىن قەرز ئۆسۈم راسخوتى ئېشىشى مۇمكىن. (ۋول كوچىسى گېزىتى)
7.جۇڭگو ئىشسىزلىق تىزىملىتىش بەلگىلىمىسىنى بوشىتىدۇ، ئىشچى خادىملار مەنپەئەتلىنىدۇ. ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىنىڭ توغرىلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو شەھەرگە كىرگەن ئىشچى خادىملارنى تېخىمۇ ئاسان ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىغا ئېرىشتۈرىدۇ. (ۋول كوچىسى گېزىتى)
8.جۇڭگونىڭ 12-ئايلىق HSBC بانكىسى مۇلازىمەت كەسپى PIM كۆرسەتكۈچى ئۆرلەپ 53.4 كە چىقتى. HSBC پاي كونترولى 6-يانۋار بىلدۈرۈشىچە، 12-ئايلىق HSBC جۇڭگو مۇلازىمەت كەسپى PIM كۆرسەتكۈچى داۋاملىق ئۆرلەپ 53.4 كە چىققان، 11-ئايدىكى 53.0 دىن يۇقىرى بولغان. HSBC نىڭ جۇڭگودىكى باش ئىقتىسادشۇناسى چۇ خوڭبىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، 12-ئايلىق مۇلازىمەت كەسپى PIM كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆرلىشى ئاساسلىقى يېڭىدىن ئاشقان زاكاز تالونىنىڭ كۆرۈنەرلىك كېڭىيىشىدىن بولغان. (ۋول كوچىسى گېزىتى)
9.جۇڭگو مەركىزىي بانكىسىنىڭ كرېدىتنى بوشاشتۇرۇش بېسىمى ئاشقان. 2014-يىلى 11-ئايدا ئىككى يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئۆسۈم تۆۋەنلەتكەندىن كېيىن، جۇڭگو مەركىزىي بانكىسى سودا بانكىلىرى ئوتتۇرىغا قويغان تېخىمۇ كۆپ پۇل بېرىپ كرېدىتنى بوشىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش تەلىپىنى رەت قىلىپ كەلگەن ئىدى. ئەمما 2015-يىلى بىرىنچى پەسىلدە مەركىزىي بانكا كرېدىتنى بوشىتىشى ئارقىلىق ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇش جەھەتتە تېخىمۇ چوڭ بېسىمغا دۇچ كەلگەن. (ۋول كوچىسى گېزىتى)
10.جەنۇبىي كورىيە دۆلەت مۇداپىئە ئاق تاشلىق كىتابىنىڭ دېيىشىچە، شىمالىي كورىيە كىچىك تىپتىكى يادرو ئوق بېشى ياساش جەھەتتە «زور ئىلگىرىلەشكە ئېرىشكەن»، ئامېرىكىنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىغا زەربە بېرىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكا گۇمانلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئاق تاشلىق كىتابتا يەنە شىمالىي كورىيەنىڭ 6000 تور ئۇرۇش مۇتەخەسىسىنى تەربىيلەپ چىققانلىقىنى ئېيتتى. (نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى)
11.ئالتۇن باھاسى ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتى ئۆرلىشى سەۋەبلىك چۈشۈپ كەتتى، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ يىغىن خاتىرىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن يەنىلا چۈشۈپ كەتتى. ئالتۇن باھاسى 7-يانۋار چۈشۈپ، ئۈچ كۈنلۈك ئۆرلەشنى ئاخىرلاشتۇردى، چۈنكى ئامېرىكا دوللىرى ۋە پاي بازىرىنىڭ قىممىتى ئۆرلىدى. (رېيترس تورى)
12.نېفىت باھاسى 7-يانۋار سەل ئۆرلەپ، بەش سودا كۈنىدە تۇنجى قېتىم ئۆرلەش كۆرۈلدى، چۈنكى نېفىت باھاسى ئىككى كۈندە تەخمىنەن %10 چۈشتى ھەمدە برېنت خام نېفىت قەرەللىك مېلى ھەر باكى 50 ئامېرىكا دوللىرىدىن چۈشكەندىن كېيىن، سودىگەرلەر باھا چۈشكەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سېتىۋېلىشقا باشلىدى.
13.يەنتەي پېڭخۇي مىسچىلىقى نەق پۇلىنى ئىشلىتىپ بولغانلىقى ئۈچۈن ئىشلەپچىقىرىشتىن توختاشقا مەجبۇر بولدى. ئۈچ خادىم 7-يانۋار بىلدۈرۈشىچە، جۇگونىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسى يەنتەيگە جايلاشقان پېڭخۇي مىسچىلىق چەكلىك شىركىتى نەق پۇلىنى ئىشلىتىپ بولغانلىقتىن، 12-ئايدىن باشلاپ ئىشلەپچىقىرىشنى توختاتقان. مەزكۇر شىركەت ئوتتۇرا كۆلەمدىكى مىس تاۋلاش كارخانىسى. (رېيترس تورى)
ئوكيان تورى تەرجىمە قىلدى.




如何关注

①复制“uyghurMBA”,在“添加朋友”中粘贴搜索号码关注。

②点击微信右上角的“+”,会出现“添加朋友”,进入“查找公众号”,输入以下公众号的名字,即可找到。




郑重声明:以上文章来源于网络,版权归原作者及其所在单位,其原创性以及文中陈述文字和内容未经(企业库www.qiyeku.com)证实,请读者仅作参考,并请自行核实相关内容。若本文有侵犯到您的版权, 请你提供相关证明及申请并与我们联系(qiyeku # qq.com)或【在线投诉】,我们审核后将会尽快处理。
会员咨询QQ群:902340051 入群验证:企业库会员咨询.

新的文章
 

uyghurMBA

微信号:uyghurMBA
功能介绍:بۇ سالوندا ئەڭ ئىسىل ،شىركەت باشقۇرۇشقا ،ئىگىلىك تىكلەشكە ئائىت مەزمۇنلار. 经济管理,人事管理,公司管理,项目管理,市场营销.致力于建立一个...

相关文章